Uyghurئاساسىي لۇغەت
ناكەس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پەس، پەسكەش؛ بېخىل.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پەسكەشلىك، ئىنسابسىزلىق، پىششىقلىق، ئادەم ئەمەس، ئادەم سىياقىنى بۇزغان، پەس، قارا يۈز، ھىممەتسىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمگەرچىلىكتىن چىققان، ئەسكىلىك قىلىشتىن يانمايدىغان.
ئېسىل - پەسلەر قوشۇلۇپ قالسا ئەگەر، پەس تەبىئىتى غالىب كېلەر ھەر سەپەر. پەسكەش ماختانغىنى بىلەن بۈيۈك بولماس، سەركەش يۈگۈرگىنى بىلەن كېيىك بولماس. رەزىل ئادەم ئاچ بۆرىدەك ھۇۋلار، گاھى ۋاي - دادلار، گاھى ۋارقىرار. ئۇ بەدرەكتىن ۋاپا چىقمايدۇ. ئىپلاس ئىپلاسلىقنى قىلمىسا ئۇخليالمايدۇ. مەست بىلەن بىللە ماڭساڭ ماڭ، نەس بىلەن بىللە ماڭما. نائەھلىگە قەرزدار بولما، ناتونۇشقا ھەمراھ. زېرىكلەر بىلەن زىندان گۈلستان، ناكەسلەر قىلار گۈلزارنى زىندان. ئەسكى ئەسكىلىككە يارىتىلغانمىكەن؟ ئۇ لەنىتىدىن نېرى يۈرگەن ياخشى. لەنىتى ئېھتىياج ئالدىدا ۋەدە بېرىپ، قانائەت ئالدىدا يۈز ئۆرۈيدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسانىيلىققا يارىمايدىغان، ئادەمىيلىكتىن مەھرۇم.
يېمە نامەرد نانىنى، گەر چىقسىمۇ جېنىڭ، ئۆتمە نامەرد كۆۋرۈكىدىن غەرق بولۇپ ئاقسىمۇ تېنىڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ۋىجدانى، ئىنسابى يوق،يارىماس، قەبىھ، پەسكەش.
تىلىڭنى يىغ ناكەس! - دېدى مەنسۇر غەزەپ بىلەن ئالدىغا مېڭىپ.
ناكەسكە قەرزدار بولساڭ، يولدا قىستار ھەم گۆردە.