Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ناكا مىچىيو
دائىرە: دۇنيا تارىخى那珂通世
nà kē tōng shì
(1851 - 1908) ياپونىيىلىك شەرق تارىخشۇناس. يوشىخىرو ھەقسىز مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. توكيو قىزلار دارىلمۇئەلىمننىڭ مۇدىرى بولغان. 1894-يىلى بىرىنچى ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي دارىلمۇئەللىمننىڭ پروفېسسورى بولغان. 1896-يىلى ئىنپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورلۇقىنى قوشۇمچە ئسۈتىگە ئالغان. 1905-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ موڭغۇل يېزىقىنى ۋە قەدىمكى جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋەت تارىخىنى تەتقىق قىلغان. كېيىن ئۇ موڭغۇلچە <يۇەن سۇلالىسىنىڭ مەخپىي تارىخى> نى تەرجىمە قىلغان ۋە ئىزاھلىغان. <چىڭگىزخاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى> نى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن. ئۇ ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ياپونىيە شەرق تارىخى دەرسلىكىنى ئەڭ دەسلەپ كىرگۈزگۈچى، كېيىنرەك ئۇنىڭ <ناكا مىچىيو ۋەسىيەتنامىسى> ناملىق ئەسىرى نەشر قىلىنغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.