Uyghurئاساسىي لۇغەت
ناكار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىشقا يارىمايدىغان؛ كۈچىسز، يارامسىز.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بىرەر ئەزاسىدىن ئايرىلغان ياكى كېسەللىك بەلگىسى قالغان.
ساق ، بېجىرىم
تېنى جايىدا، ھەممە ئەزالىرى تولۇق.
ساق يىقىلار، سۆڭىكى ساق قالار. بېجىرىم بۇزۇلماس. مېيىپنى مازاق قىلغانلار - كاللىسى مېيىپ بولغانلار. كىشى تۇغۇلغاندا ئەيىبناق بولمايدۇ. يىقىلىپ ناكار بولغۇچە، ئىشلەپ ئىشكار بول. تازنى تاز دېسە، ئۆلگۈسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى. سۇنۇقنىڭ دەردىنى ساق بىلمەس. ساق كۆز يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقار. ساقتىن زېرەك گاچا بار، شاختىن چىڭراق ئاچا بار. پۇچۇق بۇرۇن ساق بۇرۇننى كۆرەلمەيدۇ. گاس ساققا گەپ ئۇقتۇرالماپتۇ. توكۇر ساقنى يېتىلىمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم بەدىنىنىڭ بىرەر ئەزاسىنىڭ تەبئىي ياكى بىرەر ھادىسە تۈپەيلىدىن كەمتۈكلۈكى ياكى كۈچتىن قېلىشى ۋە شۇنداق بولغان كىشى.
مېيىپنى مازاق قىلغانلار مەخلۇقلاردۇر.
ئۈرۈمچى ناھىيىلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى 1991 - يىل 12 - مارتتا رەسمىي قۇرۇلدى. يىگىت تۇغۇلۇپ ئېيىپناق بولمايدۇ، تۇرۇپ ئېيىپناق بولىدۇ. يىقىلىپ ناكار بولغۇچە، ئىش قىلىپ ناكار بول. 1987 - يىلى ئېلىنغان ستاتىستىكىغا قارىغاندا، جۇڭگودا 51 مىليون 560 مىڭ مېيىپ - ناكارلار بار ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
بىرەر ئەزاسى ئەسلىي ھالىتىنى، ئىقتىدارىنى يوقاتقان؛ مېيىپ.
ناكار بولماق. ناكار قىلماق.