Uyghurئاساسىي لۇغەت
ناگان
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسم.
تاپانچا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
گاھى، بەزەن، بەزى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېقىن يەرگە ئېتىشقا لايىق كىچىك مىلتىق.
تاپانچا تاققان يىگىت دارۋازا تۈۋىدە تۇرىدۇ. ئۇ يوشۇرنغان دۈشمەننى كۆرۈپ. دەرھال ناگىنىدىن ئوق ئۈزدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
تاپانچا.
كېلەتتى ئۇ ياقتىنمۇ بىرتوپ ئەسكەر، مەردانە ئات چاپتۇرۇپ، مەغرۇر ھامان. ئارقىغا بۇرۇلغاندا ھاڭ - تاڭ، تۇراتتى قىز ئۇنىڭغا تەڭلەپ ناگان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
پارىسچە
بەزەن، بەزى، گاھى.
چىراي ئويغاتسىمۇ سۆيگۈنى ناگان، چىن سۆيگۈ چىرايغا ھەرگىز قارىماس. پۈتكۈل مال - دۇنياسى بىلەنمۇ خاقان، بىر جانان كۆڭلىنى سېتىپ ئالالماس.
كۈتۈلمىگەندە، تۇيۇقسىزدىن، ئۇشتۇمتۇت؛ ئەگەر.
سېنىڭدەك بىناۋا ئالەمگە كەلمەس، ناگان كەلسە كېلۇركى، جاھانغا كەلمەس.