Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۈجەيرە فىزىئولوگىيىسى
بىئولوگىيە
ھۈجەيرىنىڭ ھاياتلىق پائالىيەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى: ھۈجەيرىنىڭ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىش، مېتابولىزم ئارقىلىق ئېنېرگىيە ئېرىشىشى، ئۆسۈشى، بۆلۈنۈشى ۋە باشقا فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى، ھەمدە ھۈجەيرىنىڭ ھەر خىل مۇھىت ئامىللىرىغا قارىتا پەيدا قىلىدىغان رېئاكسىيىسى، ئىپادىلىنىدىغان تەسىرى ۋە ھەرىكىتى قاتارلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ قوزغىلىشى ۋە ئۆتكۈزۈشى، مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنىڭ يىغىلىشى، بەز ھۈجەيرىسىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشى قاتارلىقلار.