Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۈجەيرە ئىسكىلىتى
بىئولوگىيە
ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا كۆزەتكىلى بولىدىغان، سىتوپلازما ئاساسىي ماددىسىدا مەۋجۇت بولغان تالاسىمان تۈزۈلۈشتىن قۇرۇلغان تورلۇق جازا بولۇپ، مىكرو تەنچە، تالاسىمان يىپچىلار (مىكرو يىپچە، ئارىلىق يىپچە قاتارلىق) ۋە مىكرو ئۆتۈشمە تورلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۈجەيرە ئىسكىلىتى ھۈجەيرىنىڭ سىرتقى شەكلىنى ساقلاپ تۇرۇش ۋە ھۈجەيرىنىڭ ھەر خىل ھەرىكەتلىرىنى تۈزۈلۈش ئاساساىي بىلەن تەمىنلەش رولىنى ئۆتەيدۇ.