Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى
بىئولوگىيە
ھازىرقى زامان فىزىكا، خىمىيە تېخنىكىسى ۋە نەزەرىيىسى ھەمدە مولېكۇلا بىئولوگىيىسى ئۇقۇمىنى قوللىنىپ ھۈجەيرىىنڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى ھۈجەيرە، سۇپ ھۈجەيرە ۋە مولېكۇلا سەۋىيىسىدە تۇرۇپ تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى، ھۈجەيرە ۋە ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى، فۇنكىسىيىسى ۋە مۇناسىۋىتى، ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈپ بۆلۈنۈشى، يېتىلىپ دىففېرېنسىيلىنىشى، ئىرسىيەتلىك ئۆزگىرىشى ۋە تەدرىجىي ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى بىئولوگىيىنىڭ ئاساسىي تارماقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بىئولوگىيىنىڭ ھەر قايسى تارماق پەنلىرىدىن بوتانىكا، زوئولوگىيە، مورفولوگىيە، ئاناتومىيە، تاكسونومىيە، فىزىئولوگىيە، گىستولوگىيە، ئېمبرىئولوگىيە، گېنېتىكا، ئىممۇنۇلوگىيە ۋە مولېكۇلا بىئولوگىيىسى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ھاياتلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پەنلەرنىڭ نېگىزى.