Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۈجەيرە پوستى
بىئولوگىيە
<پروتوپلازما پەردىسى> ياكى <پلازما پەردىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھۈجەيرىنىڭ سىرتىدىكى نېپىز بىر قەۋەت پەردە بولۇپ، قېلىنلىقى تەخمىنەن 100°A ~ 60 كېلىدۇ. ئۇنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ۋە سۇب مىكروسكوپىك تۈزۈلۈشى باشقا بىئو پەردىلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھۈجەيرە پەردىسى ھۈجەيرىنىڭ مۇھىم بىر تۈزگۈچى قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىسى ئىنتايىن جانلىق بولىدۇ. ئۇ يېرىم ئۆتكۈزۈشچان پەردە بولۇپ، سىرتقى مۇھىتتىن ھۈجەيرىگە ئۆتىدىغان ماددىلارنىڭ توشۇلۇشىنى كونترول قىلىدۇ. پەردىدىن ئۆتىدىغان ماددىلارنىڭ توشۇلۇش ئۇسۇلى ئەركىن دىففۇزىيىلىنىش، تۈرتكىلىك دىففۇزىيىلىنىش، ئەگەشمە توشۇلۇش، ئۆزلۈكىدىن توشۇلۇش، يۇتۇش رولى ۋە سىرتقا چىقىرىش رولى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللىك بولىدۇ. ھۈجەيرىلەر ئۆز ئارا ھۈجەيرە پەردىسى ئارقىلىق پەرق ئېتىدۇ. ھۈجەيرىلەرنىڭ پەرق ئېتىشى ۋە تېگىشىپ تورمۇزلىنىشى ھۈجەيرە پەردىسىدىكى ئانتىگېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى قەنت ئاقسىلى ۋە قەنتلىك ياغلار ئانتىگېننىڭ بەلگىلەش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر. ھۈجەيرە پەردىسى يەنە بىر خىل خەۋەرلىشىش سىستېمىسى بولۇپ، ئۇ پوتېنسىئاللىق ئۆزگىرىش ياكى خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن ھۈجەيرە پەردىسىدىكى رېتسېپتورلار ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ھۈجەيرە پەردىسى نېرۋىنىڭ ئۆتكۈزۈشى ۋە گورمونلارنىڭ رولى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھۈجەيرە پەردىسى ئېنېرگىيىنىڭ ئالمىشىشى، ئىممۇنىتېتلىق قوغدىنىش ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىپ كېتىشى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. <پلازما پەردىسى> ۋە <بىئو پەردە> گە قاراڭ.
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسى ۋە باكتېرىيە، كۆك يۈسۈن قاتارلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ قېلىن بىر قەۋەت سىرتقى ئورىغۇچىسى ياكى پوستىدۇر. ئۇ ھۈجەيرە پەردىسى (پلازما پەردىسى) نىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە خىمىيىلىك تەركىبى ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈرلىرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ئۆسۈملۈك ھۈجەيرە پوستى سېلليۇلوزىدىن تۈزۈلىدۇ. باكتېرىيە ۋە كۆك يۈسۈنلەرنىڭ ھۈجەيرە پوستى ھۈجەيرە پوست ماددىسى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ. بەزى باكتېرىيىلەردە ماي ئاقسىلى، مايلىق كۆپ قەنت قاتارلىق تەركىبلەر بولىدۇ. كۆك يۈسۈننىڭ ھۈجەيرە پوستىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر كوللوئىد قەۋىتى بولىدۇ. ھۈجەيرە پوستى ھۈجەيرىگە نىسبەتەن ئاساسەن قوغداش ۋە تىرەكلىك رول ئوينايدۇ.