Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۈجەيرە ئۆستۈرۈش
بىئولوگىيە
جانلىقلارنىڭ توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلىرىنى تەن سىرتىدا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، تار مەنىدىن ئېيتقاندا تارقاق ھۈجەيرىلەر ياكى يەككە ھۈجەيرىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. مىكروبسىز شارائىتتا ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ توقۇلما ياكى ھۈجەيرىلىرىنى تېنىدىن ئاجرىتىۋېلىپ ئوزۇقلۇق ماددىلار قاچىلانغان ئۆستۈرۈش قاچىسىغا سېلىپ، ئۇنى بەلگىلىك تېمپېراتۇرىدا داۋاملىق ئۆستۈرۈش ۋە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كۆپەيتىشتىن ئىبارەت. بۇ ئۇسۇل سۈنئىي كونترول قىلىنغان شارائىتتا ھايات ھۈجەيرىلەرگە نىسبەتەن ھەرىكەت ھالىتىنى كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىئولوگىيىدىكى ئاساسىي مەسىلە ۋە قانۇنىيەتلەرنى شەرھلەشكە قارىتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھازىر بىئولوگىيە، مېدىتسىنا، فارماگولوگىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۈجەيرە ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى سورت يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى، مەسىلەن، چاڭدېننى ئۆستۈرۈپ تاق ھەسسىلىك تەنچىگە ئىگە ئۆسۈملۈك تۈپلىرىنى ئىندۇكسىيىلەشتە قوللىنىلدى ھەمدە يېڭى سورتلار يېتىشتۈرۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە تۆھپە قوشتى.