Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۈجەيرىلەرنىڭ خەۋەرلىشىشى
دائىرە: بىئولوگىيە<ھۈجەيرىلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى> دەپ ئاتىلىدۇ. كۆپ ھۈجەيرىلىك جانلىقلار تېنىدىكى ھۈجەيرىلەر ئارىلىقلىرىدا ئۇچۇر ئىككى خىل ئۇسۇلدا يەتكۈزۈلىدۇ: (1) بىۋاستە خەۋەرلىشىش، ھۈجەيرىنىڭ تېگىشى ياكى تۇتىشىشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. (2) ۋاستىلىك خەۋەرلىشىش، سىگنال مولېكۇلىلىرىنىڭ ھۈجەيرە سىرتىدىكى تەن سۇيۇقلۇقىدىن ئۆتۈشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالدىنقىسى، مەسىلەن، ھايۋان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئارىلىق بوشلۇقى ئارقىلىق تۇتىشىشى، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئارىلىقىدىكى ئۆسۈكچە تېگىشمىسى ۋە ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرى ئارىلىقلىرىدىكى ھۈجەيرە ئاىرلىق يىپچىلىرى ھۈجەيرە ئارىلىقلىرىدىكى مۇھىم ئۇچۇر يەتكۈزۈش قۇرۇلمىلىرىدۇر. كېيىنكىسى، مەسىلەن، ھايۋان تېنىدىكى گورمون مولېكۇلىلىرىنىڭ قان ئايلىنىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈشى، ھۈجەيرىلەرنىڭ خەۋەرلىشىشى، بەدەننىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىسىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە ئورگانىزم بىلەن مۇھىتنىڭ بىرلىكىگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.