UyghurMain Dictionary
قۇرئاننى تاماملاش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> نى تولۇق قىرائەت قىلىپ بولۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. روزا ئېيىدا قۇرئاننى تاماملاش سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. روزا ئېيىدىكى 30 كىچىدىكى ھەربىر تەرەۋەھ (20 رەكەت) دە قىرائەت قىلىپ، روزا تۈگىگىچە قۇرئاننى تولۇق قىرائەت قىلىپ بولۇشى كېرەك. بەزى مۇسۇلمانلار <قەدر كېچىسى> نىڭ ئىلتىپاتىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، شۇ كېچىسى قۇرئاننى قىرائەت قىلىپ بولىدۇ. بۇ ياخشى قىلمىش ھېسابلىنىدۇ.