UyghurMain Dictionary
قۇرئان ھۆكۈمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<ئاللانىڭ ھۆكۈمى>، <ئاللانىڭ بەلگىلىمىلىرى> مۇ دېيىلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دىكى ئەھكام چىقىرىش مەزمۇنىغا ئىگە سۈرە - ئايەتلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، دىنىي ئەھكام (دىنىي ھەرىكەتلەرنى قېلىپلاشتۇرىدىغان ئەھكاملار) ۋە ھەق تەلەپ، سودا ئىشلىرى، جىنايى ئىشلار قاتارلىقلارغا دائىر ئەھكاملارغا ئايرىلىدۇ. ئۇ ئىسلام فىقھەسىدىكى تۆت مەنبەنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كۈنسايىن مۇرەككەپلەشكەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ۋە ھەق تەلەپ تالاش - تارتىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار <قۇرئان كەرىم> دىك ئەھكاملارنى ھەق - ناھەققە ھۆكۈم قىلىش، تالاش - تارتىشلارنى ئايرىشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك، دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى؛ دەسلەپكى چاغلاردا شەكىللەنگەن يەرلىك ئەھلى فىقھەلەرمۇ ئۇنى ئەھكام چىقىرىش، دىننى ئىجرا قىلىشنىڭ ئاساسىي قىلىشنى ئېتىراپ قىلدى. بولۇپمۇ شۇ چاغلاردىكى مەمۇرىي قانۇن - قائىدىلەرنى، ئەدلىيە ئەمەلىيىتىنى ۋە خەلقنىڭ ئادەتلىرىنى مۇشۇنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ۋە بولمايدىغانلىرىنى بەلگىلەشكە ئەھمىيەت بەردى. Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قۇرئان ئەھكاملىرىنىڭ شەرىئەتتىكى ئورنى رەسمىي تۇرغۇزۇلدى. بۇ چاغدا فەقىھلەرنىڭ تەپسىر قىلىشى، كېڭەيتىشى، يىغىنچاقلىشى ئارقىلىق مۇقەددەس كىتاب ھۆكۈمى جەمئىيەتتە ئەھكام چىقىرىشنىڭ ئاساسىي قىلىندى. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىمام شافىئىي ئۇسۇل ئەل فىقھ جەھەتتە سىستېمىلىق دەلىللەپ، ئۇسۇلى فىقھنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈردى. كېيىن بۇنى سۈننىي مەزھىپىدىكى تۆت فىقھە ئېقىمى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن <قۇرئان كەرىم> مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممە سۆز - ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان تۈپ كىتاب بولدى. ئىلمىي تەپسىر بولسا ئىلمىي فىقھەنىڭ ئاساسىي شەكلى ۋە مۇھىم ئاساسى بولدى.