UyghurMain Dictionary
قۇرئان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى، قۇرئان:
بۇ ئەمرىن ئىشتتىم دىلۇ جان بىلە،
قىلىپ سۆزنى مەن ھۆمى قۇرئان بىلە.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاللا تەرىپىدىن چۈشۈلگەن تۆت كىتاب - تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل، قۇرئان - نىڭ بىرى.
«قۇرئان» ئاللانىڭ كۆرسەتمىسى سۈپىتىدە جەبرائىل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسىسالامغا يەتكۈزۈلگەن ۋەھىيلەرنىڭ يىغىندىسى، ۋەھىيلەر يېزىلغان كىتاب.
چېڭدۇ شەھىرى جىننيۇ رايونى جىننيۇ يېزىىسىدا ما ... ئىسىملىك بىر خۇيزۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئاجايىپ نەپىس ئىشلەنگەن بىر كىچىك قۇرئان تېپىلغان، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.7 سانتىمېتر، كەڭلىكى 2 سانتىمېتر، ئېغىرلىقى 6 گرام ئىكەن.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/657
بۇ ئەسەر قۇرئان توغرىسىدىكى ئەسەر بولۇپ، كۆچۈرۈلگەن يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 29 × 21 سانتىمېتىر، 592 بەت. ئەرەبچە، قول يازما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/674
بۇ ئەسەر قۇرئان تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، فورماتى: 30 × 23 سانتىمېتىر، 657 بەت. ھىجرىيە 1143 - يىلى موللا سالىھ ئىبن موللا مۇھەممەد تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا، ئەرەبچە، قول يازما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/790
بۇ ئەسەر قۇرئان تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، كۆچۈرۈلگەن يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 22 × 15 سانتىمېتىر، 880 بەت. ئەرەبچە، قول يازما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/865
بۇ ئەسەر قۇرئان تېما قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، كۆچۈرۈلگەن يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 50 × 32 سانتىمېتىر، 760 بەت. ئەرەبچە، قول يازما.
دۇنيا تارىخى
ئەرەب تىلىدىكى an,Kor نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مەنىسى <ئۈنلۈك ئوقۇماق> (قىرائەت قىلماق) دېگەنلىك. ئىسلام دىنىنىڭ كالامى شىرىپى. دەسلەپتە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تەلىماتىنىڭ خاتىرىسى ئىدى. مۇسۇلمانلار ئۇنى ئاللاھنىڭ كەلىمىلىرى، ئاللانىڭ ئەلچىسى جەبرائىل ئارقىلىق ئاسماندىن مۇھەممەد پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلگەن دەپ ھېسابلايدۇ. تۇنجى خەلىپە ئەبۇبەكرى پەرمان چۈشۈرۈپ يىغىپ رەتلەتكۈزگەن، ئۈچىنچى خەلىپە ئوسماننىڭ ۋاقىتغا كەلگەندە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نۇسخىسى (<ئوسمان نۇسخىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تۈزۈپ چىقىلغان، جەمئىي 30 پارە 114 سۈرە، 6200 دىن ئوشۇق ئايەت بار. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: بىردىنبىر ئىلاھ ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىش؛ بويسۇنۇش، شۈكرى قىلىش، خەير - ساخاۋەت ۋە سەدىقە بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش؛ تەقدىرگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن دىنىي كوممۇنا ئۈچۈن دىن، سىياسەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، ھەربىي ۋە قانۇنىي تۈزۈم بىلەن قائىدە - نىزاملارنى بېكىتىپ بېرىلگەن؛ باشقا دىندىكى مۇرىتلار بىلەن بولغان بەس - مۇنازىرىلەر بايان قىلىنغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى.