UyghurMain Dictionary
قۇرئان ھەدىس زىت ئەمەس تەلىماتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ روھى ئوخشاش ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى فىقھە تەشەببۇسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ تەلىماتنى ئىمام شافىئىي ئوتتۇرىغا قويغان. دەسلەپكى چاغلاردا يەرلىك فىقھىيەلەرنىڭ كۆپىنچىسى <قۇرئان كەرىم> دىكى ئەھكاملارنى، فەقىھلەرنىڭ شەخسىي پىكىرلىرىنى ياكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى ئەھكام تۇرغۇزۇش، ئەھكام شەرھلەشنىڭ ئاساسى قىلدى. Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەھلى ھەدىسلەر ھەدىسكە ئاساسەن ئەھكام تۇرغۇزۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇسۇل ئەل فىقھ نەزەرىيىسى توغرىسىدا مۇنازىرە پەيدا بولدى. ئىمام شافىئىي مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ، <رىسالە> ناملىق ئەسىرىدە قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ بىردەك ئىكەنلىكىنى سىستېمىلىق دەلىللەپ، قۇرئاندىكى سۈرە - ئايەتلەر بىلەن ئېغىزدە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ئىپادىلەش شەكلى پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا ئاللانىڭ ۋەھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارغا ئەمەل قىلىش كېرەككى، ھەرقانداق باھانە بىلەن ئۇلارنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ ھەمدە ناسىخ پرىنسىپىغا ئاساسەن، بىر ھەدىسنىڭ ئورنىنى يەنە بىر ھەدىس ئىگىلىسە بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىلدىكى، قۇرئان - ھەدىس زىت ئەمەس. بىرى بىلەن يەنە بىرىنى ناسىخ قىلىشقا بولمايدۇ. <قۇرئان كەرىم> نى ھەدىس چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ۋە تولۇقلايدۇ. بۇ تەلىماتنى زور كۆپ ساندىكى فەقىھلەر قوبۇل قىلىپ، ھازىرغىچە قوللىنىۋاتىدۇ.