Uyghur主要词典
ئۆپكىسى قۇرۇپ كەتمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇسسۇلۇق ئىچكۈسى كەلمەك.
<سۇسىرىماق> ھايۋان ۋە يەر - زېمىنغا قارىتىلىدۇ.
ئۇسسىساڭ سۇچىنىڭ ئۆيىگە بار. ئۇسسىغان ئېچىرقىغاندىن يامان. ئۇسسىغاننىڭ چۈشىگە شىرىلدىغان سۇ كىرەر. سۇدىن قاچقان ئۆكۈز، چاڭقاپ ئۆلەر. چۆلدىگەن ئىت قۇدۇققا باقار. تەشنا بولغان سۇ تاللىماس. ئۇسساپ ئۆپكەم قۇرۇپ كەتتى، - دېدى بوۋاي. سۇسىرىغان ئوچۇمىدا سۇ ئىچەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قاتتىق تەشنا بولماق، قاتتىق ئۇسسىماق.
- ئۇنىڭ ئۆپكىسى قۇرۇپ كېتىپتۇ، ئۇسسۇلۇق بەر، - دېدى ئايشىخان.