Uyghur主要词典
ئۆپكىسىنى ئىچىدىن قاقماق
شىۋىلەر
بىلىندۈرمەي ئەدىۋىنى بەرمەك.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، كۆرۈنۈشتە، ھەققانىيەتچى بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە تۇيدۇرماي يوشۇرۇن قەستلەيدىغان ھىيلىگەرلىكنى بىلدۈرىدۇ: بۇ ئىش ئاتىخاننىڭ ئۆپكىسىنى ئىچىدىن قاققاندەك، ئاچچىق دەرد- ئەلەمگە مۇپتىلا قىپتۇ، شۇڭا ئۇ مەككىگە قايتىپ كېلىپلا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سەزدۈرمەي، ئەدىپىنى بەرمەك، بىلىندۈرمەي زەربە بەرمەك، زىيان سالماق.
ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن زىۋىرشا غۇدۇڭشىدى: <ۋۇي ناكەس ساراڭ، نەدىكى نومۇرى ئاۋۇمايدىغان ئىشلارغا مېنى ئەۋەتىپ ئۆپكەمنى ئىچىمدىن قېقىۋاتىسەنغۇ!>