Uyghur主要词典
ئۆپمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
لەۋنى بىر نەرسىگە تەگكۈزمەك، سۆيمەك:
كەلگىن، سەناما، قۇچۇپ دۇداغىڭغە ئۆپەي،
مەڭزىڭنى شۇرۇب - شۇرۇب قاپاغىڭغە ئۆپەي.
ئېسلەپ داغى سەفاغىڭغە ئۆپەي،
بەس ئەمدى دېسەم تۈشۈپ ئاياغىڭغە ئۆپەي.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىز - كالپۇكنى باشقا بىرىنىڭ ئاغزىغا، يۈزىگە، قولىغا ۋە باشقا يېرىگە تەگكۈزۈپ، يېقىنچىلىقنى بىلدۈرمەك.
سۆيگۈنىڭنى سۆيۈش نېسىب بولسۇن. سۆيگۈنۈمنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن، سۆيمىگەننى سۆيىمەن. بوۋاقنى ئۆپۈش ياخشى ئەمەس، سالامەتلىكىگە زىيانلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئاغزى بىلەن سۆيمەك، لېۋىنى تەگكۈزۈپ سۆيمەك.
ئۆپتى مەڭزىمدىن شامال مەيىن كېلىپ، گۈل - چېچەكلەر تۆكتى خۇشبۇي باش ئېگىپ.