Uyghur主要词典
ئۆپكىسى تۈگەپ كانىيى قالماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي قىسمى، كۆپ قىسمى تۈگەپ، ئاز قىسمى قالماق.
غەيرەت قىل، غۇلىچى تۈگەپ غېرىچى قالغاندا بوشاپ كەتمە. ئۆپكىسى تۈگەپ كانىيى قالغاندا، ماڭا قىسىندىڭمۇ، بولدى، ساڭا قۇتاتسۇن.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، بىر ئىشنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى، ئاساسىي بۆلىكى تۈگەپ، كىچىككىنە قىسمى ئېشىپ، قالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ: - سەن بۇ ئىشنىڭ ئۆپكىسى تۈگەپ، كانىيى قالغاندا كەپسەن، بوپتۇ، ئەمدى قالغىنىنى سەن قىلىۋەت، - دېدى ئۇ.