ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلماق[يەشمىسى:] ① نەپىسى بوغۇلماق، نەپىسى قىيىنلاشماق:[مىسال:] يۈگۈرۈۋېرىپ ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ قالاي دېگەن قۇددۇس ئۆيى ئالدىغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى تۇيماي قالدى.[يەشمىسى:] ② ھودۇقماق:[مىسال:] ئامانقۇل ئايقىزنى بىر قاراپلا تونۇدى-دە، ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ، گەپ قىلالماي قالدى.