Uyghur主要词典
ئانتىتوكسىن
بىئولوگىيە
باكتېرىيە سىرتقى زەھىرىنىڭ ئانتىتېلاسى بولۇپ، ماس ھالدىكى سىرتقى زەھەرنىڭ تەسىرىنى نېيتىراللاش رولى بار. ئۇ بوغما قاتما قاتارلىق توكسوئىدلارنى ئاتقا كۆپ قېتىم ئوكۇل قىلىپ، بەلگىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئاتنىڭ قان زەردابىنى ئېلىپ ئىنچىكە ئىشلەش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئانتىتوكسىن ماس ھالدىكى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە جىددىي ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەم ياكى ھايۋانلار سىرتقى زەھەر ھاسىل قىلىدىغان كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باكتېرىيىلەر بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، تەن ئىچىدىمۇ ئانتىتوكسىن ھاسىل بولىدۇ.