Uyghur主要词典
ئانتونيو فېرتېنلى مۇكاپاتى
领域: دۇنيادىكى مۇكاپاتلارئىتالىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئانتونيو فېرتېنلىنىڭ ۋەسىيىتى بويـىـچـە تەسىس قىلغان بىر قاتار خەلقئارالىق مۇكاپات ۋە دۆلەت مۇكاپاتى بـولـۇپ، خەلقئارا مۇكاپاتنى ئىتالىيىلىكلـەرگـە بـېـرىـشـكىـمـۇ، ھەرقـانـداق دۆلـەت كىشىلىرىگە بېرىشكىمۇ بولىدۇ.1950 - يىلى تۇنجى قېتىم تـارقـىـتـىـلـغان، شۇنىڭدىن كېيىن يىلدا بىر قېتىم تارقىتـىـلغان، مـۇكـاپـات سـومـمـىـسـى ئوخشاش ئەمەس.
بۇ مۇكاپات تۆۋەندىكى ساھەلەردە مەلـۇم نـەتـىـجە قـازانـغـۇچـىلارغـا بېرىلىدۇ: ئېتىكا ئىلمى ۋە تارىخ ئىلمى؛ فىزىكا ئىلمى، ماتېماتىكا ۋە تەبىئىـي پەن؛ ئەدەبىيات؛ سەنئەت؛ مېدىتسىنا. بەزىـدە نـاھايىـتـى يـۇقـىـرى ئەخلاق سەۋىيىسىگە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قىممىتىگە ئىـگـە پـەۋقـۇلئاددە ئۇتۇقلارغىمۇ بېرىلىدۇ. بۇ مۇكاپاتنى ئىلتىماس قىلىشنىـڭ ھاجـىـتـى يـوق، نامزاتلارنى ئىتالىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەۋسىيە قىلىدۇ (ئەمما ئۆزىـنـى ئۆزى تەۋسىيە قىلىشقا بولمايدۇ)، ئىتالىيىدىكى باشقا ئىلمىي تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسـلـىـرى كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ، خەلقئارا مۇكاپاتنى چەت ئەللەردىكـى مـۇھىـم پـەنـلـەر ئاكادېمىيىلىرىنىڭ رەئىسلىرى تەۋسىيە قىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。