Uyghur主要词典
ئانتىفون
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 180 - 411) قەدىمكى ئافىنا ئىستىلىستىكا ئالىمى. دانىشمەن سوپلىۇنىڭ ئوغلى، ئاقسۆڭەك ئولىگارخچىلار تەرەپدارى. ئافىنادا مەكتەپ ئېچىپ ئىستىلىستىكىدىن دەرەس ئۆتكەن، ئېيتىلىشىچە فۇنكىدىد (تارىخچى) ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇغانىكەن، پېلوپونتېس ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مىلادىدىن 411 يىل ئىلگىرى فېرامېن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئولىگارخلار (400 كىشىدىن تەركىب تاپقان كېڭەشمىنى يادرو قىلغان) ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقان؛ بۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاران تۆت ئايلا مەۋجۇت بولۇپ، ئاغدۇرۇپ تاشلانغان، ئانتىفونمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇ قەدىمكى يۇناندىكى مەشھۇر ناتىقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىردىن ھازىرغىچە ئون پارچىدىن كۆپرەكى ساقلىنىپ قالغان.