Uyghur主要词典
ئانتىگون خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
يۇنانلىشىش دەۋرىدىكى ماكېدونىيە خاندانلىقى. مىلادىدىن 276 يىل ئىلگىرى، ئانتىگون Ⅰ نىڭ نەۋرىسى ئانتىگون گونات ( تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 319 - 239) تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ئۇنىڭ ۋارىسلىرى گرېتسىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، پىتولېمېي، سېلېۋك دۆلەتلىرى بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز شەرقىي قىسمىنىڭ زوراۋانلىق ھوقۇقىنى ئۇزاققىچە تالىشىپ كەلگەن. ئۈچ قېتىملىق ماكېدونىيە ئۇرۇشى ئارقىلىق مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيىنى ئىستېلا قىلغاندا، خاندانلىق گۇمران بولغان.