Uyghur主要词典
ئانتېننا
بىئولوگىيە
سېزىش مۈڭگۈزچىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ باش قىسمىدىكى بىر خىل بوغۇملانغان سەزگۈ ئاپپاراتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. باش قىسمىدا تۆرەلمە ئاخىرقى دەۋرىگىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئالدى تەرەپتىكى پۇتىدىن ئىبارەت. قاسىراقلىقلاردا ئىككى جۈپ، كۆپ پۇتلۇقلار بىلەن ھاشاراتلاردا بىر جۈپتىن ئانتېننا بولىدۇ. ھاشاراتلارنىڭ ئانتېننىسى ساپاق بوغۇم، جەينەك بوغۇم ۋە قامچا بوغۇمدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ساپاق بوغۇمى ئارقىلىق باش قاسىرىقىدىكى پەردە ماددىلىق كىچىك ئويمانچاققا تۇتىشىدۇ. قامچا بوغۇمى ئۈچ قىسىمغا جايلاشقان بولۇپ، يەنە بىر نەچچىدىن نەچچە ئونغىچە بوغۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ئوخشاش تۈردىكى قۇرتلارنىڭ قامچا بوغۇمىنىڭ سانى مۇقىم بولىدۇ. قامچا بوغۇمى يەنە شەكلىنى ئۆزگىرىشى خىلمۇخىل بولغان قىسمى بولۇپ يىپسىمان، ژابراسىمان قاتارلىق شەكىللەرد بولىدۇ، ئانتېننىنىڭ فۇنكسىيىسى؛ سېزىش، پۇراش، ئاڭلاش ئارقىلىق يەم ئىزلەش، توپلىشىش، جۈپلىشىش ۋە تۇخۇم سېلىش مەيدانى ئىزلەش قاتارلىقلارغا قولايلىق يارىتىشتىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان روللىرى بار. مەسىلەن، سۇ چېرېپاشكىسى ئوڭدىسىغا ئۈزگەن چاغدا ئانتېننىسى كېرىلىپ بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ؛ سۇ يىپ قۇرتىنىڭ ئانتېننىسى نەپەسلىنىشكە ياردەملىشىدۇ؛ يالتىراق پاشىنىڭ لىچىنكىسى ئوزۇق تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئەركەك يەنچىڭ قۇرتى چېتىشقاندا چىشىسىنى قۇچاقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ قاسىراقلىقلاردىن سۇ بۈرگىسىنىڭ ئىككىنچى جۈپ ئانتېننىسى ئالاھىدە چوڭ بولۇپ، ھەرىكەتلىنىش ئورگىنىغا ئايلانغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە، لاتىنچە
رادىئو، تېلېۋىزىيە دولقۇنلىرىنى تارقىتىش ياكى ئۆزىگە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆي - ئىمارەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان سىملىق قۇرۇلما.
رادىئو ئانتېنناسى. تېلېۋىزورنىڭ ئانتېنناسى يوق، ئانتېننا ئورناتمىغان.