Uyghur主要词典
ئانتونېلى
دۇنيا تارىخى
(1806 - 1876) ئىتالىيىلىك مىسسىئونېر. 1847-يىلى كاردىنال بولغان. 1848-يىلى پاپا دۆلىتىنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ئىچكى كابىنېتىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى باش مىنىستىرى بولۇپ، ئىتالىيىنى بىرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىگە ھەدەپ قارشى چىققان. 1849-يىلى رىم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، پاپانىڭ نامىدا، كاتولىك دىنىي كۈچلىرىنىڭ دىنىي ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلغان. پاپا رىمدا تىرىلگەندىن كېيىن، ھەدەپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، 1853-يىلى ئىچىدىلا مىڭدىن كۆپرەك سىياسىي مەھبۇسنى تۈرمىگە تاشلىغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە مەلۇم ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئىتالىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە باشتىن - ئاياغ قارشى تۇرۇپ كەلگەن. 1850-يىلى گرىبالداى نېئاپولنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، چەت ئەل ياللانما قوشۇنىنى توپلاپ رىمنى مۇداپىئە قىلغان ھەمدە بوربون خان جەمەتىنىڭ رىمدا تىرىلدۈرۈش ھەركىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويغان. كېيىن ئىتالىيە پادىشاھلىقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن دىنىي جەمئىيەت قانۇن لايىھىسىنى قوبۇل قىلىشقا رازى بولغاندا، پاپانىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1970-يىلى ئىتالىيە ئارمىيىسى رىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھوقۇقى زور دەرىجىدە زەئىپلىشىپ، پەقەت سىرت بىلەن ئالاقىلىشىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەنلا چەكلەنگەن.