Uyghur主要词典
ئانتونوۋىچ
دۇنيا تارىخى
(1835 -1918) روسىيە پەيلاسوپى، تەبىئىي پەن ئالىمى، ئەدەبىي تەنقىدچىسى، چېركاۋ خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1859-يىلى سانت - پېتربۇرگ تىئولوگىيە ئىنستىتۇتىنى تۈگەتكەن. بېلىنسكى، گېرتسېن، چېرنىشېۋىسكىلار ئىدىيىسىنىڭ تەسرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلاپ <زامانىمىز كىشىلىرى> ژۇرنىلىغا ماقالە يېزىپ كەلگەن. ئىدېئالىستىك پەلسەپە (گېگېل، كانت ۋە روسىيىدىكى يۇشكېۋىچ، كاتېكوۋ) گە قارشى تۇرۇپ، ئىلغار تەبىئىي پەن ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان، رېئالىستىك ئەدەبىي سەنئەتنى قوغداپ، سەنئەت - رېئاللىقنىڭ نامايەندىسى، دەپ قارىغان. نوقۇل سەنئەت نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، سەنئەت جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، <ئىككى خىل تىپتىكى ھازىرقى زامان پەيلاسوپلىرى>، <گېگېل پەلسەپىسى> قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان، ئۇنىڭ <ماددىي دۇنيا بىلەن مەنىۋى دۇنيانىڭ بىرلىكى>، <دارۋىن ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيىسى> ۋە <تەبىئەت كۈچىنىڭ بىرلىكى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.