Uyghur主要词典
خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتى بولۇپ، 1970 - يىلى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ھىندونېزىيىدىكى باندۇڭدا قۇرۇلدى. ئەسلىي 1965 - يىلى باندۇڭدا قۇرۇلغان ئاسىيا - ئافرىقا ئىسلام تەشكىلاتى ئىدى. ئۇنىڭدا يىغىن ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك تەشكىل تەسس قىلىندى. مەقسىتى: ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسىگە ئاساسەن ئادىل، گۈللەنگەن يېڭى دۇنيا قۇرۇش، دۇنيادىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكىنى، ئىتتىپاقلىقىنى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئەزا دۆلەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئالجىرىيە، مىسىر، نىگېر، ئافغانىستان، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ئىراق، ياپونىيە، كامبودژا، كورىيە، مالايشىيا، پاكىستان، فىلىپپىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى، سىنگاپور، سرى - لانكا، سۈرىيە، تايلاندى، ئاۋسترالىيە، سپروس، گېرمانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.