Uyghur主要词典
خەلقئارا ئىسلام ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
خەلقئارالىق ئىسلام دىنىي تەشكىلاتى بولۇپ، 1969 - يىلى قۇرۇلدى. مەقسىتى: جايلاردىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئىسلام دىنىنى جارى قىلدۇرۇش، بىرلەشكەن تەشكىلىي ئورگان قۇرۇپ، يەرلىك تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى پائالىيەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ بىرلەشمىگە مىسىر، ماۋرىچۇس، نىگېر، جەنۇبىي ئافرىقا، سۇدان، تانزانىيە، تۇنىس، زامىبە، كانادا، ئامېرىكا، بېنگال، برونېي، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، كەشمىر، مالايشىيا، پاكىستان، فىلىپپىن، سىنگاپور، سرى - لانكا، تايلاند، ئاۋسترالىيە، فىجى، ئاۋسترىيە، سىپروس، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار ئەزا بولدى. قەرەللىك خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. دۇنيا مۇسۇلمان ياشىلار كېڭىشى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ. <خەلقئارا ئىسلام ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتى بىرلەشمىسىنىڭ خەۋەرلەر ئاخباراتى> (ئىنگلىزچە ھەپتىلىك ژۇرنال) چىقىرىدۇ.