Uyghur主要词典
خەلقئارا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەتلەر ئارا، دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئارا، شۇ دۆلەتلەرگە ئائىت.
خەلقئارا ۋەزىيەت؛ خەلقئارا رېپىرى؛ خەلقئارا ئۆلچەم بىرلىكى تۈزۈمى؛ خەلقئارا مېتىر تۈزۈمى؛ خەلقئارا ترانسكرىپىيە؛ خەلقئارا جەمئىيەت؛ خەلقئارالىق مەسىلە. ھازىر خەلقئارا جىددىي ئۆزگىرىش ۋە قايتا تەشكىللىنىش بولۇۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
خەلق + ئارا
سۈپ. دۇنيادىكى ھەر قايسى مەملىكەتلەرگە، ھەرقايسى مەملىكەت خەلقلىرىگە ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت.
خەلقئارا ۋەزىيەت. خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرى. خەلقئارا ئاياللار بايرىمى.
ئى. ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى ئارىسى.
مىڭئۆي شىنجاڭ تارىخى، بۇددا دىنى ۋە بىناكارلىق، نەققاشلىق سەنئىتىگە ئائىت تەتقىقات نۇقتىسى جەھەتتىن يالغۇز شىنجاڭدىلا ئەمەس، بەلكى ئېلىمىز ھەم خەلقئارادىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.