Uyghur主要词典
خەلقئارا پۇل فوندى جەمئىيىتى
领域: خەلقئارا تەشكىلاتلاربۇ بىر خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى بولۇپ،1945 - يىل12 - ئاينىڭ27 - كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان.1947 - يىل11 - ئاينىڭ15 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئورگىنىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا.
بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: خەلقئارالىق پۇل ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقئارالىق سودىنىڭ كېڭىيىشى ۋە تەكشى ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پېرېۋوت سوممىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش؛ ئەزا دۆلەتلەرنى قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ خەلقئارالىق كىرىمى تەڭپۇڭ بولمىغان چاغدىكى تاشقى پېرېۋوتقا بولغان ئېھتىياج مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر بۇ تەشكىلاتقا قاتناشقان، دۆلىتىمىزمۇ ئۇنىڭ ئەزا دۆلەتلىرىدىن بىرى. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەبلەغ مەنبەسى ئاساسەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بەلگىلەنگەن نورما بويىچە تاپشۇرىدىغان پۇلىدىن كەلگەن بولۇپ. بېلەت تاشلاش ھوقۇقى ۋە قەرز ئېلىش ھوقۇقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى تاپشۇرغان پۇلىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. بۇنداقتا، كىم كۆپ پۇل چىقارسا، شۇنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقى چوڭ بولىدۇ ھەم بۇ تەشكىلاتنى شۇ دۆلەت كونترول قىلىپ تۇرۇشى مۇمكىن.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى كېڭەش مەجلىسى بولۇپ، ئەزا دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرى ياكى مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىقى، شۇنىڭدەك تەڭ دەرىجىلىك ئەمەلدارى باش كېڭەش ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. كېڭەش مەجلىسى ھەر يىلى9 - ئايدا بىر قېتىم يىغىن چاقىرىدۇ. كېڭەش مەجلىسىنىڭ كۆپ قىسىم ھوقۇق - مەسئۇلىيىتىنى22 ئىجرائىيە مۇدىرىيىتىدىن تەشكىل تاپقان مۇدىرىيەت يۈرگۈزىدۇ. مۇدىرىيەتنىڭ ئەزالىقىغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر بىردىن ئادەم ئەۋەتىدۇ، دۆلىتىمىزمۇ ئايرىم بىر خادىم تەيىنلەيدۇ. باشقا ئەزالارنى رايونلار سايلايدۇ. ئىجرائىيە مۇدىرىيىتىدە باش مۇدىر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كۈندىلىك خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
بۇ تەشكىلات دۇنيا بانكىسى بىلەن بىرلىكتە تەرەققىيات كومىتېتى تەسىس قىلغان بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئەمەلىي بايلىق بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ ياكى تەكلىپ بېرىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。