Uyghur主要词典
خەلقئارا ئاياللار بايرىمى
دۇنيا تارىخى
8 - مارت بايرىمى، ئاياللار بايرىمى، 8 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۇنيا ئەمگەكچى ئاياللىرىنىڭ تىنچلىق، دېموكراتىيە، ئاياللار ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى جەڭگىۋار بايرىمى. 1909 - يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىردىكى ئايال ئىشچىلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك سانائىتىدىكى ئىشچىلار داغدۇغىلىق ئىش تاشلاش ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋە سايلام ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى كەڭ ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ۋە ئاۋاز قوشۇشىغا ئىگە بولغان. 1910 - يىلى 8 - ئايدا، دانىيىنىڭ پايتەختتىكى كوپىنھاگىندا چاقىرىلغان خەلقئارا سوتسىيالىزىمچى ئاياللارنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدا، بۇ قېتىمقى يىغىنغا رەھبەرلىك قىلغان گېرمانىيە ئىنقىلابچىسى كلاراسېتكىننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن قارار ماقۇللىنىپ، ھەريىلى 8 - مارت كۈنى دۇنيا ئاياللىرىنىڭ بايرام كۈنى قىلىپ بەلگىلەنگەن. جۇڭگو ئاياللىرى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 1922 - يىلدىن باشلاپ <8 - مارت بايرىمى> نى خاتىرىلىگەن. 1924 - يىلى گۇاڭجۇدا بىرىنچى قېتىم ئاممىۋى خاراكتىرلىك <8 - مارت> نى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئازادلىقتىن كېيىن، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى جىڭۋۇيۇەنى 1949 - يىلى 12 - ئايدا، 8 - مارتنى ئاياللار بايرىمى قىلىپ بەلگىلىگەن.