Uyghur主要词典
خەلق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئادەملەر، كىشىلەر، ئامما.
يارىتىش، ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يارىتىش، بار قىلىش، ياساش؛ بارلىق؛ ئادەملەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر مەملىكەت، يەرنىڭ ئاھالىسى، ئادەملەر توپى.
خەلقنى خارلىغان بىلەن دوست بولغان ئۆزىمۇ خار بولار. خەلقنىڭ ئوي _ پىكرى يەردىنمۇ قېلىن. ئەلنى يىغلاتقان كۈلمەس. ئەلگە كىرسەڭ ئېلىېڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر مەملىكەتنىڭ ئەمگەكچى ئاممىنى گەۋدە قىلغان ئاھالىسى.
جۇڭگو خەلقى. ياپونىيە خەلقى.
مىللەت.
ئۇيغۇر خەلقى. روس خەلقى.
بىرەر جاينىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن كېلىپ، شۇ جاينىڭ <يەرلىك ئاھالىسى> دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەر خەلقى. يېزا خەلقى.
بىرەر كەسىپ، مەشغۇلات، ئىش قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن كېلىپ، شۇ كەسىپ، مەشغۇلات، ئىش قاتارلىقلارغا مەنسۇپ كىشىلەر گۇرۇھىنى بىلدۈرىدۇ.
مېھنەتكەش خەلق. ئەمگەكچان خەلق.