Uyghur主要词典
ترۇمېن
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1945 - 1952). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. مىسسۇرى شتاتىدىكى فېرمىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ بانكا خىزمەتچىسى بولغان، كېيىن يۇرتىغا قايتىپ دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1934-يىلى ئالىي پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1945-يىلى 1-ئايدا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇزۋېلت كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇزۋېلت كېسەل بىلەن ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا زۇڭتۇڭ بولغان. 7-ئايدا پوتىسىدام يىغىنىغا قاتناشقان. 8-ئايدا ياپونىيىگەئاتوم بومبىسى ئىشلىتىشنى تەستىقلىغان. 1947-يىلى 3-ئايدا <ترۇمېنىزم> نى تۈزۈپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇپ، گرېتسىيە ۋە تۈركىيىنىڭ خەلق قوراللىق كۈرىشىنى باستۇرۇشقا ياردەم بەرگەن. 6-ئايدا <مارشالل پىلانى> نى يولغا قويۇپ، <كوممۇنىزم كېڭەيمىچىلىكى> نىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئاپئاشكارا جاكارلىغان. 1949-يىلى يەنە بىر نۆۋەت زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. ئۇ، <تۆتىنچى پىلان> نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ يىلى <شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىنامىسى> نى تۈزگەن. 1950-يىلى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان ھەمدە دېڭىز - ھاۋا ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ زېمىنى تەيۋەننى بېسىۋالغان. ئىچكى جەھەتتىن <كوممۇنىستلارنىڭ ئاغدۇرمچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش> نى باھانە قىلىپ، خەلقنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز كەلتۈرىدىغان خىلمۇ خىل پەرمانلارنى يولغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا <ئادىللىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش>، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە خالىس ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ چىققان. ئۇنىڭ : <ھەل قىلغۇچ بىر يىل>، <سىناق ۋە ئۈمىدلىك بىر يىل>، <پۇقرا ئەپەندى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.