Uyghur主要词典
تروشۇ
دۇنيا تارىخى
(1815 - 1896) فرانسىيىلىك ھەربىي. دەسلەپكى يىللاردا ھەربىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. ئالجرىيىنى بويسۇندۇرۇش يولىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىغا، روسىيىدىكى قىرىم ئۇرۇشىا ۋە ئاۋستىرىيىدىكى سولفېرىنو جېڭىگە (1859) قاتناشقان، ھەربىي ئىشلاردىكى تۆھپىسى بىلەن گېنېراللىققا كۆتۈرۈلگەن. قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتابىدا ۋەزىپە ئۆتىگەندە، <1867-يىلىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى> دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ قالاق ھالىتىنى پاش قىلغان، فرانسىيە ئارمىيىسىنى گېرمانىيىچە ئۇسۇل بىلەن ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. 1870-يىلى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، پارىژ شەھەر مۇداپىئە قوماندانى بولغان. شۇ يىى 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، پارىژ شەھەر مۇداپىئەسىگە قارىتا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتقان، ئاخىر تەسلىم بولغان. 1871-يىلىنىڭ باشلىرىدا مىللىي پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1873-يىلى سىياسىي ساھەدىن چېكىنپ چىققان. ئۇنىڭ يەنە <سېنا ۋىلايەتلىك زاسېداتىللار ئۆمىكىگە ئىمپېرىيە ۋە پارىژنىڭ مۇداپىئەسى ھەققىدە سۆھبەت>، <ھەقىقەت ۋە ئادالەت يولىدا> مۇداپىئەسى ھەققىدە سۆھبەت<، >ھەقىقەت ۋە ئادالەت يولىدا<، >سىياسىي ۋە پارىژ قوزغىنى< قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.