Uyghur主要词典
تروپپاۋ يىغىنى
دۇنيا تارىخى
مۇقەددەس ئىتتىپاق قۇرۇلغاندن كېيىنكى ئىككىنچى يىغىن. 1820-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاۋسترىيىگە قاراشلىق سېلىسىيىدىكى تروپپاۋ (ھازىرقى چېخوسلوۋاكىيىدىكى ئوپاۋال) دا چاقىرىلغان. ئۇنىڭغا روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. 11-ئاينىڭ 19-كۈنى روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە ئىمزالىغان كېلىشىمنامىدە: ئۈچ دۆلەت ئىنقىلاب پارتلىغان دۆلەتكە رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپلا قوراللىق ئارىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ بەلگىلەنگەن ھەمدە ئاۋسترىيىگە ئەسكەر چىقىرىپ نېئاپول پادىشاھلىقىنى ئىشغال قىلىۋېلىش تاپشۇرۇلغان. ئەنگلىيە، فرانسىيە ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، كېلىشىمنامىگە ئىمزا قويمىغان، بىراق ھەرقايسى مەملىكەتلەردىكى ئىنقىلابنى باستۇرىدىغان ھەربىي ھەرىكەتتن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.