Uyghur主要词典
ترومبىن
بىئولوگىيە
دەسلەپكى قان پلازما تالا ئاقسىلىنى تالا ئاقسىلىغا گىدرولىزلايدىغان ئېنزىم بولۇپ، قاننىڭ ئۇيۇشىنى تېزلىتىدىغان مۇھىم فاكتوردۇر. دەسلەپكى تالا ئاقسىلى α، β، γ لاردىن ئىبارەت ئۈچ جۈپ پولى پېپتىد زەنجىرىنىڭ دى سۇلفىد بېغى ئارقىلىق تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولغان تالاسىمان ئاقسىل بولۇپ، مولېكۇلا ئېغىرلىقى 340 مىڭ كېلىدۇ. كىسلاتالىق ئامىنو كىسلاتالىرى تەكشى تارقالمىغانلىقتىن ھەمدە ئېلېكتر مەنپىيلىكىدىن چەتكە قېقىلىشى بىلەن قاندا ئېرىشچان ھالەت پەيدا بولىدۇ. ترومبىن تەسىر قىلغاندا رېتى بويىچە دەسلەپكى تالا ئاقسىلىنىڭ α، β زەنجىرلىرىدىكى ئېلېكتر مەنپىيىلىكى كۈچلۈك بولغان كىچىك مولېكۇلا كىسلاتالىق پېپتىد (A پېپتىد) ۋە B پېپتىدلارنى گىدرولىزلاپ تاشلايدۇ، بۇ چاغدا تاق تالا ئاقسىل تەنچىلىرىىڭ ھىدروگېنلىق باغ، سۇغا مايىل ئەمەس باغ، مولېكۇلىلارنىڭ تارتىشىش كۈچى ئارقىلىق تۇتىشىپ، تالا ئاقسىل پولىمېرىغا ئايلىنىشىغا قولايلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ پولىمېرى ئاسان يېشىلىدۇ، يەنى <ئېرىشچان تالا ئاقسىل پولىمېرى> ھالىتىدە بولىدۇ. ئاندىن كېيىن قان پلازما فاكتورلىرىⅧ، ۋە aⅩ، ⅢⅩ قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە ئېرىشچان پولىمېرلار تۇراقلىق تالا ئاقسىل پولىمېرىغا ئايلىنىپ يەنە قايچىلىشىپ تورلاشقان ھالەتكە كېلىدۇ - دە، قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى، قان پلاستىنكىسى ۋە قان پلازمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيۇغان قان پارچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ترومبىن ئادەتتە قاندا دەسلەپكى ئېنزىم ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ، پەقەت قان ئۇيۇيدىغان ۋاقىتتىلا ئاندىن ئاكتىپ ترومبىنغا ئايلىنىدۇ.