Uyghur主要词典
ترىبۇ يىغىنى
دۇنيا تارىخى
يەنى <قەبىلە يىغىنى>، يەنە <پۇقرالار يىغىنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى رىم پۇقرالىرى يىغىنىدىن بىرى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تەسىس قىلىنغان. دەسلەپ پۇقرالار قاتنىشىپ، پۇقرالارغا ئائىت مۇھىم ئىشلارنى، مەسىلەن، ترىبونلارنى سايلاشقا ئوخشاش ئىشلارنى، قارار قىلغان؛ ترىبۇ (قەبىلە) نى بىرلىك قىلىپ ئاۋاز بەرگەن. پۇقرالارنىڭ تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، كېيىن ئاقسۆڭەكلەرمۇ قاتناشقان، شۇنداق قىلىپ پۈتۈن رىمىلقلارنىڭ پۇقرالار يىغىنىغا ئايلانغان. مىلادىدىن 287 يىل ئىلگىرى <ھورىنتېنىسىئا قانۇنى> ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قارالىرى سىناتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلمەيلا بارلىق پۇقرالار (جۈملىدىن ئاقسۆڭەكلەر) ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولغان، ئۇ رىم دۆلىتىدە دائىم رول ئوينايدىغان ئاپپارات بولۇپ قالغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا رىمدا ترىبۇدىن تەخمىنەن يىگىرمىسى بولغان، كېيىن 35 كە كۆپەيگەن، ئاۋازغا قويغاندا يېرىم سان بولغان 18 دىن ئاشسا ماقۇللانغان.