Uyghur主要词典
ترىپسىن
بىئولوگىيە
ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى ئاقسىللارنى گىدرولىزلايدىغان بىر خىل ئېنزىم بولۇپ، زىموگېن ھالىتىدە (مولېكۇلا ئېغىرلىقى 24000 ئەتراپىدا) ئاجرىلىپ چىقىپ، ئۈچەي كىنازىسى ئارقىلىق ياكى ئۆز - ئۆزىنى كاتالىزلاپ ئاكتىپلىشىدۇ. ئاكتىپلاشقان ترىپسىن يەنە خىموترىپسىنوگېننى، پروئېلاستازىنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ بارلىق ئچىكى ئەزالاردىكى پروپرورېئىنازىلارنىڭ ئورتاق ئاكتىپلاشتۇرغۇچىسى بولىدۇ. ترىپسىن مەخسۇس لىزىن، ئارگىنىنلارنىڭ كاربوكسىلىدىن ھاسىل بولغان پېپتىد بېغىنى گىدرولىزلايدۇ ھەمدە ئېستېرلارنى گىدرولىزلايدىغان ئاكتىپلىققا ئىگە بولىدۇ. ئۇ ئاقسىللارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ، كلىنىكىدا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يىرىڭلىق ياللۇغلىنىشنى داۋالايدۇ، ياللۇغسىزلاندۇرىدۇ ۋە باشقىلار.