Uyghur主要词典
ترىبون
دۇنيا تارىخى
پۇقرالارنى قوغدىغۇچى ئەمەلدارلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر خىل پەۋقۇلئاددە ئەمەلدارلىق تۈزۈمى. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئاددىي پۇقرالار بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 494 يىل ئىلگىرى ئاددىي پۇقرالار بىرىنچى قېىتم رىمدىن چېكىنىپ چىققان، بۇنىڭدىن چۆچۈپ قالغان ئاقسۆڭەكلەر ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئىككى نەپەر خەلقنى قوغدىغۇچى ئەمەلدار سايلاپ چىقىشىغا قوشۇلغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتى پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت. قەبىلىلەر قۇرۇلتىيى (تىرىبونلار قۇرۇلتىيى) دا سايلا مئارقىىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ھەمدە قۇرۇلتاينىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. كېيىن بەش ئادەمگە كۆپەيتىلگەن. ئاندىن كېيىن يەنە 10 ئادەمگە كۆپەيتىلگەن. سايلام ئادەتتە ياز كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، رىم كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي خىزمەتكە تەيىنلەنگەن، خىزمەت ئۆتەش ۋاقتى بىر يىل بولغان. كىشىلىك ھوقۇق دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىمىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا زىيارەت قىلىپ كەلگەن پۇقرالارنى قوبۇل قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە رىم شەھىرىدىن بىر كۈندىن ئارتۇق ئارىلماسلىق، ھويلا ئىشىكلىرىنى ئېتىپ قويماسلىق بەلگىلەنگەن. ئۇلار سىنات ۋە ئالىي يولباشچىنىڭ (دىكتاتوردىن باشقا) قارالىرىنى ياكى پەرمانلىرىنى، ئومۇمەن پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىگە خىلاپ دەپ قارىسىلا، رەت قىلىش ھوقۇقىغا (ئىنكار قىلىش ھوقۇقى) ئىگە بولغان. بۇ خىل ھوقۇق پەقەت رىم شەھەر ايونى ۋە شەھەر ئەتراپىدىلا كۈچكە ئىگە بولغان. خەلقنى قوغدىغۇچى ئەمەلدارلىق تۈزۈمى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى پۇقرالار بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلەردە ئاكتىپ رول ئوينغان. سايلانغۇچىلار پۇقرالار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەزىدە ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىنمۇ پايدىلىنىپ كېتىلگەن. ئىمپېرىيىلىك تۈزۈم تىكلەنگەندىن (مىلادىدىن ئىلگىر ىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا) كېيىن، ئىسمى بار، جىسمى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان.