Uyghur主要词典
ترىپولې مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
سابىق سوۋېت بىر خىل مەدەنىيەت 1898 - يىلى ۋوۋىكا كىيېۋ ئەتراپىدىكى ترىپولې كەنتىدە تاپقاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 934 - 1938 - يىللىرى قېزىلغان. ئوكرائىنادىكى دنېستىر دەياسى ۋادىسىغا جايلاشقان. ەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 4000 - 3000 يىللار ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ئەڭ قەدىمىي دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى خارابىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار قوشۇمچە بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ئاساسەن تاش قوراللار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىىچدە تاش پالتا، تاش ئوغاق، تاش پىچاق، تاش قىرغۇچى قاتارلىقلار تۇچ قوراللارمۇ بار. تەرەققىي تاپقان ساپالچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق كەسپى بولغان. ساپال قاچىلارنىڭ ئىشلىنىشى نەپىس، شەكلى مول، ئۇلارنىڭ تولىسىدا رەڭلىك سۈرەتلەر ۋە يىڭنە بىلەن چېكىلەن، بۇرمىسىمان، يۇمىلاق ھەم پاراللېل نەقىشلەر بار. كەنت خارابىسىدا، كۆلىمى ئىنتايىن كەڭ بولغان، شاخ ( شۇمبىدىن) ياسالغان كوللېكتىپ ياتاق ئۆيلەر بار، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى، قاتار دۈگىلەك شەكىلدە سېلىنغان. ياتاق ئۆيلەر ئومۇمەن سوزۇنچاق شەكىلدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5 ( 30 مېتىر، كەڭلىكى 5 - 7 مېتىر كېلىدۇ، ئارىسى تام بىلەن ئايرلغان، ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە ئوچاق بار، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ساپال ھەيكلەللەر تېپىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاياللارنىڭ ھەيكەللىرى كۆپرەك، ئەرلەرنىڭ ھەيكەللىرى ئازراق، تولىسى نەزىر - چىراغ سۇپىسى ياكى ئوچاق يېنىدىن تېپىلغان. بۇنى ماترىئاخاللىق تۈزۈمىنىڭ ئالامىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئاخىرقى مەزگىللەردە پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى جەمئىيەتكە ئۆتۈشكە باشلىغان.