Uyghur主要词典
شۇنىسى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئال. شۇنداق بىر يېرى، شۇ يېرى.
- شۇنداق، - دەپ جاۋاب بەردى باتۇر تاغا، - لېكىن شۇنىسى باركى، سارايغا تۇشلۇق ئادەم يوق - دە.
ئال. شۇنداق بولغىنى.
- ئاتا، مېنى كەچۈرگىلىرى كەلمىسە، قىلىچ ئەكەلدۈرۈپ، كاللامنى ئالسىلا، شۇنىسىلا تۈزۈك، - دېدى ئۇ.
باغل. لېكىن، بىراق، ئەمما.
مەن ئۆزۈممۇ مۇشۇنداق ئاجايىپ بىر چاغلارنىڭ يېقىنلا كېلىپ قالغانلىقىنى سەزگەنىدىم، شۇنىسى، بۇ مىنۇتلار بۈگۈن مېنىڭ كۆز ئالدىمغا راستتىنلا كەلگەندە بولسا، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.