Uyghur主要词典
شۇنداق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قارىمۇ قارشى باغلىغۇچى، قوشما جۈملىدە ئاددىي جۈملىلەرنى باغلايدۇ، بۇ باغلىغۇچىلار بىلەن كەلگەندە بۇ جۈملە ئالدىنقىسىغا قارشى كېلىدۇ ياكى باشقىچەرەك بولىدۇ.
ئىنسان ئۆلىدۇ، ئەمما خەلق ياشايدۇ. بۆرە كۈل رەڭ تۈسكە كىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئاق كۆڭۈل بولالمايدۇ. نان كۆپەيدى، ئابروي كېمەيدى، بىراق يوقىچىلىق خارلىقتىن كۆرە ياخشىراق. جاندىن كېچىش ئاسان ۋە لېكىن جان دوستتىن كەچمەكلىك قىيىن. كۈچ - قۇۋەتتىن قالدىم، شۇنداق بولسىمۇ ئىشتىن توختىمىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئال. ئېيتىپ ئۆتۈلگەن، كۆزدە تۇتۇلغاندەك، كۆز ئالدىدىكىدەك، ئاشۇنداق.
- تاشۋاي ئاكاڭ ماڭماقچى، مەن گۆش، سەۋزە تېپىپ كېلىپ، ئۆز قولۇم بىلەن پولۇ ئېتىپ بېرەي، بىزنىڭ ئاخىرقى خوشلىشىشىمىز شۇنداق ئۆتسۇن، - دېدى سالىخ ئاكا قىزى گۈلچېھرىگە.
رەۋ. ئېيتىلغان ياكى كۆزدە تۇتۇلغان تەرتىپتە؛ شۇ بويىچە، شۇ تەرتىپتە، شۇ تەرزدە.
كۆپچىلىك: <شۇنداق قىلايلى> دىيىشىپ، لەيلىگۈلنى كۆتۈرۈپ سىرتقا ئېلىپ ماڭدى.
تەستىقلىغۇچى جاۋاب ئورنىدا قوللىنىلىپ <ھەئە، توغرا، ئەلۋەتتە، دېگىنىڭ راست> دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
- بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە دەمدۇلا؟ - شۇنداق.
رەۋ. شۇ قەدەر، شۇنچىلىك.
شۇ دەرىجىدە ئۆتتى كۆپ يىللار شۇنداق قايغۇدا، شۇنداق ئازابتا، بىزنىڭ بۇ باشتىن، ئەمما تاپمىدۇق ھەم تاپالمىدۇق، ھېچبىر يورۇق يول، يىغلاپ قاقشاشتىن.
رەۋ. ئادەتتىكىدەك، باشقىچە، شۇ دەرىجىدە.
ئۇ شۇنداق قارىسا، بىر چىرايلىق قىز كېلىۋاتقۇدەك.