Uyghur主要词典
شۇنخۇا ناھىيىسىدىكى جېزى جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شۇنخۇا سالار مىللىي ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى جېزى مەھەللىسىدە. بۇ مەسچىت مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا سېلىنغان، دېگەن سۆزلەر بار. بۇ مەسچىت سالار مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار ئىچىدە تارىخى ئۇزۇن مەسچىت ھېسابلىنىدۇ. ئۈچ قېتىم كېڭەيتىپ سېلىنغان. 1982 _ يىلىدىن كېيىن قايتا سېلىندى. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تۆت مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. مەسچىت رايونى، قەبرىستانلىق ۋە بۇلاقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. مەسچىت رايونىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بۇلاق بولۇپ، سالار مىللىتىنىڭ ئەجداتى بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن مۇشۇ بۇلاقتىن پايدىلانغان.