Uyghur主要词典
شۇنخۇا شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
فرانسيەنىڭ ۋېيتنامنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىشتىكى شەرتنامە. ۋيېتنام رۇەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى شۇنخۇادا ئىمزالانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. شەرتنامە ئىككى قېتىم تۈزۈلگەن: بىرىنچى قېتىمقى <شۇنخۇا شەرتنامىسى>1883 - يىل 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئىمزالانغان بولۇپ، جەمئىي 22 ماددىدىن تەركىب تاپقان. ئاساسلىق مەزمونى: ۋيېتنام فرانسىيىنىڭ <ھامىيلىق ھوقۇقى>نى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ؛ فرانسىيە ۋيېتنامنىڭ بارلىق دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ؛ پىڭشون ئۆلكىسى نەنچىدىكى فرانسىيىنىڭ قارىمىقىدىكى مۇستەملىكىگە قوشۇۋېتىلىدۇ؛ دوڭجىڭ (بېيجى)نىڭ مەمۇرىي ئىشلىرى فرانسىيەنىڭ نازارەتچىلىكىدە بولىدۇ؛ فرانسىيەنىڭ شۇنخۇادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى خالىغان ۋاقىتتا ۋيېتنامنىڭ خانى بىلەن <كۆرۈشەلەيدۇ>، بۇنىڭدا خان كۆرۈشۈشنى رەت قىلماسلىقى كېرەك، دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئىككىنچىقېتىمقى <شۇنخۇا شەرتنامىسى> 1824 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تۈزۈلگەن بولۇپ، <باتنو شەرتنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ شەرتنامە جەمئىي 19 ماددىدىن تەركىپ تاپقان. ئاساسلىق مەزمونى: ۋيېتنام فرانسىيەنىڭ ھامىيلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ فرانسيە ۋيېتنامنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قوشۇن تۇرغۇزۇشقا ھوقۇقلۇق؛ فرانسىيە باش نازارەتچى تەسىس قىلىپ، ۋيېتنامنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ھامىيلىق ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ دوڭجىڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نازارەتچى ياكى مۇئاۋىن نازارەتچى تەسىس قىلىپ ۋيېتنام ئەمەلدارلىرىنى چەكلەپ تۇرىدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ۋيېتنام فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان.