Uyghur主要词典
شۇنچىلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ. شۇ قەدەر، شۇ دەرىجىدە، شۇنچە، شۇنچىۋالا.
ئۇنىڭ ئابدۇللاغا دەيدىغان گېپى شۇنچىلىك جىق ئىدىكى، ھەرقانچە يازسىمۇ تۈگىمەيتتى.
سۈپ. ئۆزى ئېنىقلاپ كەلگەن ئىسىم ئىپادىلىگەن شەيئىنى، مىقدار، ھەجىم، دەرىجە، خۇسۇسىيەت ۋە ھالەت قاتارلىق جەھەتلەردىن تۆۋەنلىتىپ ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدۇ.
ئوغلىمىزنىڭ ھالىمۇ شۇنچىلىك، قىزلار ياراتمايۋاتسا قانداق قىلغۇلۇق؟ كۆڭۈل دېگەنگە بىرنېمە دەپ بولمايدۇ.