Uyghur主要词典
شۇملۇق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
بۇزۇق پېئىللىق، بېخىللىق:
دىن - دىيانەتدە قالماغاچ خۇبلۇق،
يەتتى بولغاي جەھانغا چۈن شۇملۇق.
موللا قۇربان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەقدىر يامانلىق.
چۆجىنىڭ شۇملۇقىدىن توخۇدا ئەمچەك يوق. شورلۇق بېشىم ساقايماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھىيلە - مىكىرگە دائىر قىلىق، خۇسۇسىيەت.
ھىيلىگەرلىك - ھىممەتسىزنىڭ ئىشى. قۇۋلۇقتىن شۇملۇق چىقىدۇ. قۇۋلۇق قىلغان قودۇققا غۇلار. مەككارلىق مەنپەئەت بەرمەس. ھەييارلىق قىلىپ، ھەممىدىن ئايرىلىپتۇ. ھەييارلىق ھەممىنى خار قىلىدۇ. نەيرەڭۋازلىق ئاخىر چانىدۇ. مۇغەمبەرلىك بىلەن بىر كۈن ئۆتەر، ئىككى كۈن ئۆتەر، كېيىن لەت بولار. لولىلىق قىلما، يولدىن قالىسەن. تادانلىقتىن نادانلىق ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
باشقىلارغا يامانلىق، قارا نىيەتلىك قىلىدىغان، بالا - قازا تىلەيدىغان مىجەز، شۇنداق خاراكتېر.
چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق (ماقال).