Uyghur主要词典
شۇەنخۇانىڭ شىمالىدىكى مەسچىت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى خېبېي شۇەنخۇا ناھىيىسىنىڭ شەھەر ئىچىدىكى جۇڭلۇ بېيجې كوچىسىنىڭ غەربىدە. بۇ مەسچىت 1722 - يىلى سېلىنغان. 1860 - يىلىدىن 1875 - يىلىغىچە كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان. ليۇ جىپىڭ «جۇڭگودىكى ئىسلام ئىمارەتلىرى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:«بۇ مەسچىتنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، مەسچىتنىڭ ھويلىسى كىچىكرەك، لېكىن خانىقا بەك چوڭ. ھويلىدا تۇرغان ئادەم خانىقانىڭ تولۇق قىياپىتىنى كۆرەلمەيدۇ. خانىقاغا كىرگەندىلا ئادەمنىڭ دىلى يورۇپ كەتكەن تۇيغۇدا بولىدۇ» خانىقانىڭ سېلىنىشىدا جۇڭگونىڭ قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۈچ قەسىرنى قاتار قىلىپ سېلىش تۈزۈمى قوللىنىلغان. ئىمارەت كۆپ خىل شەكلىدە سېلىنغان. مەسچىتكە چوڭ دەرۋازا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ياغاچتىن چاسا شەكلىدە ئىككى قەۋەتلىك مىئزەنە، كارىدور، دەرسخانا، مۇستەھەپخانا قاتارلىق بىنالار سېلىنغان. مەسچىتنىڭ ئابىدىسى قاتارلىق ئاسار ئاتىقىلەر 1866 - يىلى رېمونت قىلىنغان.