Uyghur主要词典
شۇەنخۇانىڭ جەنۇبىدىكى مەسچىت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شۇەنخۇا ناھىيىسىدىكى شەھەر ئىچى مياۋدى كوچىسىدا. بۇ مەسچىت 1403 - يىلى داۋشۇنىڭ غەربىگە سېلىنغان. 1821 - يىلى ھازىرقى جايغا يۆتكەلگەن. 1911 - يىلى چوڭ رېمونت قىلىنغان. جۇڭگونىڭ قەدىمكى بۇتخانىلىرى شەكلىدە سېلىنغان. مەسچىت ھويلىسىدىكى خانىقانىڭ ئالدىدا ئالتە بۇرجەكلىك مىئزەنە بار. جەنۇب ۋە شىمال تەرەپتىكى ئۆيلەر كارىدور بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، دەرسخانا، سەراپ قاتارلىقلار سېلىنغان. نامازخانا ھەيۋەتلىك كۆركەم. خانىقانىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا ئېگىز تۈۋرۈك قويۇلغان بولۇپ، بىنانىڭ ئۆگزىسىگە يېتىدۇ. ئۆگزىگە ئالتە بۇرجەكلىك راۋاق ياسالغان. ئۇسلۇبى ئۆزگىچە. مەسچىتتە مەسچىتنىڭ 1523 - يىلى قايتا رېمونت قىلىنىش خاتىرىسى، 1598 - يىلى قايتا رېمونت قىلىنىش خاتىرىسى ۋە 1854 - يىلى مەسچىتنىڭ يۆتكەپ سېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئابىدە قاتارلىق ئاسار ئەتىقىلەر ساقلانغان.