Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاستېركوتلاند قانۇنى
دۇنيا تارىخى
شۋېتسىيىنىڭ ۋاستېر كوتلاند ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە قانۇنى. بۇ قانۇن جەمئىي ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. (1) كونا قانۇن (تەخمىنەن 1220 - يىلى)، شۋېتسىيىنىڭ ئەڭ كونا ئۆلكە قانۇنى، لېكىن ئانچە مۇكەممەل ۋە سىستېمىلىق ئەمەس. ئۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىساىي بىرلىك - ئۆزى تېرىقچىلىق قىلدىغان دېھقانلار كوممۇنىسىنىڭ تەشكىلىي ئەھۋالى ۋە يېزىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ماجىرالارنى ھەل قىلىشنىڭ تەپسىلىي قائىدىلىرى؛ شۋېتسىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ھەققىدىكى قەدىمكى ئەمىر - پەرمانلار ھەم بەزى جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلەرىنى جازالاش بەلگىلىمىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ كىرىش سۆزىدە <شۋېتسىيىلىكلەر بىر كورۇلنى ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغىمۇ يول قويۇلىدۇ> دېيىلگەن. بۇ ئەينى چاغدىكى شۋېتسىيىنىڭ كورۇلنى سايلام ئارقىلىق مەيدانغا كەلتۈرىدىغان ئىپتىدائىي كورۇللۇق تۈزۈمىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. (2) يېڭى قانۇن، ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كەلگەن. ئۇ كونا قانۇننىڭ يېڭىلانمىسى بولۇپ كونا قانۇنغا قارىغاندا مۇكەممەل ۋە سىستېمىلىق.