Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاسلاۋ
دۇنيا تارىخى
(1205 - 1253) چېخ كورۇلى (1230 - 1253)، ئوتتۇكار Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلىدە، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى كورۇلى فىرىدرىخ Ⅱ بىلەن پاپا ئوتتۇرىسىدىكى ئېپىسكوپنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقۇقى ئۈستىدىكى ماجىراغا ئىشتىراك قىلغان؛ 1241 - يىلى موراۋىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن موڭغۇل قوشۇنىنى چېكىندۈرگەن؛ گېرمانىيە مىسسىئونېرلىرى، رىتسارلىرى، سودىگەرلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنلەرنى چېخقا كۆچۈپ كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، چېخنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان.
دۇنيا تارىخى
(1361 - 1419) چېخ كورۇلى (1378 - 1419)، مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى (1378 - 1400). چارلېس (Ⅳ) نىڭ ئوغلى، تەختتىكى مەزگىلدە، چېخ فېئوداللىرى ئۇنىڭ ئىنىسى ۋە ۋېنگرىيە كورۇلى سىگسىمۇندنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقان؛ 1396 - يىلى فېئوداللاردىن تەركىب تاپقان دائىمىي كومىتېت قۇرۇشقا مەجبور بولۇپ، پادىشاھلىق ھوقۇقىغا چەك قويۇلغان، 4001 - يىلى گېرمانىيە بەگلىكلىرى تەرىپىدىن ئىمپېرىيە پادىشاھلىقىدىن قالدۇرۇلغان. تەختتىكى مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا ھۇسنىڭ دىنىي ئىسلاھات پائالىيىتىنى قوغداپ، گېرمانىيە دىندار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ چېختىكى تەسىرىنى ئاجىزلاتقان. ھۇس ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، قورققىنىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.